ئۈندىداردىكى ئاۋازنى mp3 گە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى

ۋىيشىن ئاۋازىنى MP 3 كە ئايلاندۇرۇش:ئاددىي ئالتە قەدەم بىلەن ھەل قىلىمىز 
 سالام، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر ماھارەتنى ئۆگىتىپ قوياي − ۋىيشىندىكى ئاۋازلىق پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى قانداق قىلغاندا MP 3 ھۆججىتى قىلىپ  ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇل مۇرەككەپ ئەمەس، پەقەت بىر نەچچە ئاددىي قەدەم-باسقۇچ بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قوياي. 

 بىرىنچى قەدەم:

ئاۋازلىق ھۆججەت ئېلىش 

 ئالدى بىلەن ساقلاپ قالماقچى بولغان ۋىيشىن ئاۋازلىق پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تېپىڭ. بىر نەچچە ئاۋازنى ئارتۇق تاللاڭ ( چوقۇم كۆپ تاللاڭ، بولمىسا خاتىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالىسىز )، ئاندىن بۇ ئاۋازلارنى ئۇزاق بېسىپ، «收藏»نى تاللاڭ. 
  مەزمۇننى ساقلاش  
 ئەمدى ئۈندىدارنى ئېچىپ، «我-收藏»قا كىرىپ، بايا ساقلىۋالغان مەزمۇنىڭىزنى تېپىڭ. ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» ئۈچ تال چېكىتنى چېكىپ، «转存为笔记»نى تاللاڭ. 
  كومپيۇتېر مەشغۇلاتى 
 كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ئۈندىدارغا سىكانىرلاپ كىرىڭ. 
 收藏نى تېپىپ، ئاندىن بايا 转存为笔记 قىلغان خاتىرىنى ئېچىڭ. چوقۇم خاتىرە ئېچىڭ ياكى خاتىرىنى   文件传输助手 غا ئەۋەتىشىڭىز  كېرەك. ئارقىدىنلا  ئۈندىدارنىڭ 设置 تېپىپ، ئاندىن 文件管理 كىرىپ، پاراڭلىشىش خاتىرىسىدە ساقلانغان ئورۇننى ئىزدەڭ. ھۆججەت قىسقۇچنى چېكىپ ئېچىپ، تۆۋەندىكى يوللار بويىچە ئىزدەڭ:\ wechatfiles\WeChat Filess/ئۆزىڭىزنىڭ نومۇرى/File Storage/Fav/Temp. ھۆججەت قىسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە تارماق ھۆججەت قىسقۇچ بولىدۇ، ئەڭ يېڭىسىنى چېكىپ كىرىپ، ئاندىن res ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئاستىدىن silk بىلەن ئاخىرلاشقان ھۆججەتنى ئىزدەيسىز، مانا بۇ ئاشۇ ئاۋازلىق مەزمۇن ھۆججەتلىرى، ھۆججەتنى نۇسخىلاپ زاپاسلىۋېلىڭ. 
 فورمات ئالماشتۇرۇش 
 ئەمدى، سىز بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، silk ھۆججىتىنى MP 3 شەكلىگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك. بازاردا بۇنداق يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن بىرنى تاللىسا بولىدۇ. 
 MP 3 نى بىرلەشتۈرۈش 
 ئەڭ ئاخىرقى قەدەمدە، ئەگەر سىزدە MP 3 ھۆججىتى كۆپ بولسا، بىر قىسىم ئاۋاز تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ھۆججەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ يانفوندا قويۇشىڭىز ياكى باشقا سۇپىلارغا يوللىشىڭىزغا قولايلىق بولىدۇ. 

بۇ مەن تېپىپ قويغان ئۇلانما

 قىسقىچە خۇلاسە 

 مانا مۇشۇنداق ئاددىي! بۇ  دەرسلىكنىڭ كۆپچىلىككە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىز ئىھتىياجلىق ماتىرياللار بىزنىڭ تورىمىزدا

联系我们 订单查询